Chinese→Uyghur主要词典
叶鞘
بىئولوگىيە
يوپۇرماق غىلىپى
يوپۇرماق سېپى ياكى يوپۇرماق ئالىقىنىنىڭ تۈۋىنىڭ كېڭىيىشىدىن ھاسىل بولغان غىلاپسىمان ماددا. ئۇ غولىنى سىرتىدىن ئوراپ تۇرىدۇ. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق غىلىپى غولىنىڭ كۆپ قىسىم بوغۇم ئارىلىقىنى ئوراپ ئارىلقتىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما ۋە قولتۇق بىخنى قوغدايدۇ، غولنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىدۇ. يوپۇرماق غىلىپى بىلەن يوپۇرماق ئالىقىنىنىڭ تۇتىشىدىغان ئورنىدىكى يۇقىرىغا قارىغان پەردىسىمان ئۆسۈندى يوپۇرماق تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق غىلىپى بىلەن يوپۇرماق ئالىقىنىنىڭ تۇتىشىدىغان ئورنىنىڭ سىرتقى گىرۋىكى كېڭىيىپ ئىككى پارچە ئۆسۈندىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ يوپۇرماق قۇلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماق تىلى بىلەن يوپۇرماق قۇلىقىنىڭ بولۇش - بولماسلىقى، شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە رەڭگى باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. بامبۇكنىڭ يىلتىزسىمان غولىدىن ھاسىل بولغان بىخى (بامبۇك بىخى) نىڭ سىرتىنى قاتمۇ قات <بامبۇك بىخى يېپىنچىسى> يەنى يوپۇرماق غىلىپى ئوراپ تۇرىدۇ. باناننىڭ يوپۇرماق غىلىپى قاتمۇ قات ئورىلىپ تۈۋرۈكسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدىغان بولغاچقا، خاتا ھالدا غول دەپ قارىلىپ قالىدۇ. جۇڭگو پالمىسىنىڭ يوپۇرماق غىلىپىدا قوڭۇررەڭ تالالار بولۇپ پالما چىگىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. قامچىئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول بوغۇمىدىكى غىلاپسىمان ماددا ھەمراھ يوپۇرماقنىڭ ھالەت ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ھەمراھ يوپۇرماق غىلىپى دەپ ئاتىلىدۇ.
دېھقانچىلىق,ئورمانچىلىق,ئۆسۈملۈك
yè qiào
يوپۇرماق غىلىپىDئۇنىۋېرسال
yè qiào
يوپۇرماق غىلىپى