Uyghur主要词典
ئەپلەشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەقسەتتە بىرلەشمەك.
چۈمۈلە بىرلەشسە ئىتتىپاقلىشىپ، ئارسلان تېرىسىنى ئالىدۇ شىلىپ. گەر ئىش ئەقلۇتەدبىر بىلەن بولسا ھەل، ئەپلەشكىن ياۋ بىەلن، جەڭدىن بۇ ئەۋزەل. يامانلىقتىن يىراق - يىراق بول، ئاقىل بول، ياخشىلىق بىلەن ئىناق بول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش - تالاشنى تۈگىتىپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماق، خوپ بولۇپ قېلىشماق.
يارىشىش شەرتى بولسا، يارىشىشنى رەت قىلىش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. ئۇلار ئەمدى ئەپلىشىپ قاپتۇ. ئەقىلسىزلەر دەۋالىشىدۇ، ئەقىللىقلەر كېلىشىدۇ. چېكىشمىگۈچە بېكىشمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ كېلىشىپ قالماق.
ئۇرۇشماق، مۇشتلاشماق، ياقىلاشماق، چاچلاشماق
مەنپەئەت توقۇنۇشتىن بىر - بىرىنى ئۇرماق.
ئۇستام ئۇرۇشسا، تۆمۈرى قىزىغىچە ئۇرۇشىدۇ. بەزىدە تىل بىلەن چىشمۇ سوقۇشىدۇ. يالغۇز ئۆكۈز قوش بولماس، ياقىلاشقان دوست (بولماس). چاچلاشقان خوتۇنلار چاچ يۇلۇنسا يارىشار. ئۆيدە چىققان ئۇرۇش ئەپلەشكۈچە، ئەپلەشمەك قازان قاينىغۇچە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۈزۈلگەن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك.
ئۈزلەشمەك، ئاجراشماق
ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك.
ئۇلار ئۈزلىشىپتۇ، ئوبدان بوپتۇ. روزاخۇن بۇرۇنقى ئايىلى بىلەن يېنىشىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، خوشال بولدۇق. ئەر - خوتۇننىڭ ئاجراشمىقى مۇھەببەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈزلەشكەنلەر ئەپلەشسە، بالىلارنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مۇۋاپىقلاشماق، ماسلاشماق، باب كەلمەك، جايىغا چۈشمەك.
ئىش ئەپلىشىپ نەپ تەگكەنچە ئۇنىڭ نەپسى يوغىناشقا باشلىدى.
ياراشماق، ئىتتىپاقلاشماق، ياخشىلاشماق، چىقىشىپ قالماق.
ئۇلار تويدىن كېيىن بىر - بىرى بىلەن بىر ئوبدان ئەپلىشىپ قالدى.