Uyghur主要词典
ئەنشى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1884 - 1913-يىللىرىدىكى ۋيېتنام دېھقانلىرىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرىشى. بېيجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى رايونىنى بازا قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. فرانسىيە ۋېيتنامنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ، ئېكىنزارلىقلارنى بەرپا قىلغان. بۇنىڭغا ئەنشى دېھقانلىرى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. كېيىن دېھقانلار داھىيسى خۇاڭ خۇاتەننىڭ رەھبەرلىكىدە ئەنشى رايونىنىڭ پايدىلىق يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن تايانچ بازا قۇرۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىز تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، خانۇي - لياڭشەن تۆمۈريولنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە قاتناش - ترانسپورتىغا تەھدىت سالغان. قوزغىلاڭچىلار فرانسىە ئارمىيىسىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1894 - 1895-يىللىرى ۋە 1897 - 1909-يىللىرى ئىككى قېتىم ئۇرۇش توختىتىپ، سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەنشى ئەينى چاغلاردا شىمالىي ۋيېتنامدىكى بىردىنبىر مۇستەقىل رايونغا ئايلانغان. ۋەتەنپەرۋەر زاتلار تەرەپ - تەرەپتىن بۇ جايغا كېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1909-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى سۈلھ كېلىشىمنى بۇزۇپ ئەنشى رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. 1913-يىلى 2-ئايدا خۇاڭ خۇاتەن ئاسىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭمۇ مەغلۇپ بولغان.