Uyghur主要词典
ئەنسارىلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنسى «ياردەملەشكۈچىلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. (1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، يەرلىك مۇسۇلمانلار شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ ئادەملەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇھاجىرلارغا كۈچ بىلەن ياردەم قىلغانلىقتىن شۇنداق دېيىلگەن. (2) يېقىنقى زاماندا سۇداندىكى مەھدى ھەرىكىتى 1898 - يىلى ئەنگلىيە - مىسىر بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، مەھدىنىڭ دۆلىتى مۇنقەرز قىلىنغاندىن بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى (مۇھەممەد ئەھمەد يەنى مەھدى تەخمىنەن 1840 - 1885) نىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى «ئەنسارىلا» دەپ ئاتالدى.