Uyghur主要词典
ئەنقاغۇن
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ غۇنقا ئائىلىسىگە تەۋە ئەگمە شەكىلدىكى كۆپ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، دەستىسىنىڭ ئۈستىگە ئەنقاقۇش (سۇمۇرۇغ) نىڭ باش شەكلى ياغاچتىن ئويۇپ بېكىتىلگەن. ئۇ قىيپاش تۇتۇپ چېلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆينىڭ 38 - غارىدا ۋە بېرەكلىكنىڭ 54 - غارىدا 10 تارلىق ئەنقاغۇننىڭ رەسىمى بار.