Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيە - ئافغانىستان ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
英阿战争
yīng ā zhàn zhēng
ئافغانىستان ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىىچە ئافغانىستان ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قېتىم پارتلىغان. بىرىنچى قېتىم: 1838-يىلى، ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىپ پېرسىيە ۋە روسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشىنى رەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن، 1839-يىلى 4-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى قەندىھارنى بېسىۋالغان، 7-ئايدا غەزنىنى بېسىۋالغان، پادىشاھ دوست مۇھەممەدخان (1793 - 1863) پايتەختنى تاشلاپ شىمالغا قېچىپ كەتكەن. 8-ئايدا كابۇل قولدىن كەتكەن، شاھ شۇجا (تەخمىنەن 1780 ـ 1842) پادىشاھ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستان خەلقى پارتىزانلىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇرغان ۋە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1841-يىلى كۈزدە ئەكبەرخان (1816 - 1845) مىللىي چوڭ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيىنى شۇ يىلى 12-ئايدا ئەسكەر چېكىندۈرۈش شەرتنامىسى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1842-يىلى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. شۇ يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنە بېسىپ كىرىپ، كابۇلنى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن ئافغانىستان ئارمىيە ۋە خەلقىنىڭ زەربىسى ئاستىدا ئافغانىستان چېگرىسىدىن چېكىنىپ چىققان. ئىككىنچى قېتىم: 1878-يىلى 11-ئايدا، ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ روسىيىگە تايانغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئەسكەر چىقىرىپ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا ئافغانىستاننى <گەنداماك شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 9-ئايدا كابۇلدا ئارمىيە ۋە خەلق قوغىلىڭى يارتىلغان. 12-ئايدا پايتەخت قايتۇرۇۋېلىنغان، 1880-يىلى 7-ئايدا ئايۇپخان مېۋاند جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. ئەنگلىيە ئارمىيىسى قەندىھاردىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، 1881-يىلى ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئۈچىنچى قېتىم: 1919-يىلى 3-ئايدا، ئافغانىستان پادىشاھى ئامانۇللاخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىيىسىا ئالاقە ئەۋەتىپ، ئەنگلىيىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى كونتروللۇق ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەنگلىيە تەرەپ تەلەپنى رەت قىلغاچقا، شۇ يىلى 5-ئايدا ئۇرۇش پارتلىغان. ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپتە يېڭىش - يېڭىلىش بولغان. شۇ چاغدا ھىندىستاندا ئىنقىلاب پارتلىغانلىقتىن، ئەنگلىيە ئالدىراپ - تېنەپ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان. 6-ئايدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەن. 8-ئايدا راۋالىپىندىدا ۋاقىتلىق سۈلھ شەرتنامە ئمزالىنىپ، ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان.