Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيە پارلامېنتى
دۇنيا تارىخى
英国国会
yīng guó guó huì
ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق تەبىقە ۋاكالەت ئورگىنى. يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى بۇرژۇئازىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. چوڭ ئاقسۆڭەك سىمون مونتفور 1265-يىلى 1-ئايدا تۇنجى قېتىم چاقىرغان، پارلامېنتقا كاتولىك دىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلىرى ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر قانتاشقاندىن باشقا يەنە رىتسارلارنىڭ ۋەكىلى (ھەربىر ۋىلايەتتىن ئىككى كىشى)ۋە شەھەر خەلقىنىڭ ۋەكىلى (ھەربىر ئاپتونومىيە شەھەردىن ئىككى كىشى) رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. 1295-يىلى 11-ئايدا ئېدۋارد Ⅰ ئۇرۇش خىراجىتى توپلاش ئۈچۈن، ئالدىنقىنى تەقلىد قىلىپ يەنە پارلامېنت يىغىنى چاقىرغان، ئۇ <ئۈلگىلىك پارلامېنت> دەپ ئاتالغان. ئۇ ئەنگلىيە تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنت دائىم چاقىرىلىپ، مۇقىم فېئوداللىق تەبىقە ۋەكالەت ئورگىنىغا ئايلانغان. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى پالاتا تەسىس قىلىنغان. يۇقىرى پالاتا روھانىي ۋە دەھرىي ئاقسۆڭكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاقسۆڭكەكلەر پالاتاسى دەپمۇ ئاتالغان، ئەزالىرىنى كورۇل تەيىنلىگەن؛ تۆۋەن پالاتا رىتسارلار ۋە شەھەر خەلقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاۋام پالاتا دەپمۇ ئاتالغان، ئەزالىرى ھەرقايسى جايلاردىكى مۈلۈكدارلاrدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئىككى پالاتا ئايرىم - ئايرىم يىغىن ئېچىپ، كورۇلغا دوكلات قىلغان. ئاساسىي خىزمەت ھوقۇقى باج - سېلىقلارنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش، دۆلەت سىياسىتىگە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا، يۇقىرى پالاتادا يەنە كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تىكلەش ھوقۇقى بولغان. كورۇل پارلامېنت ۋە شەھەر خەلقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئارقىلىق كورۇل ھاكىمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.ئېلزابېتا Ⅰ تەختتە ئولتۇرغان ئاخىرقى يىللاردا، كورۇل ھاكىمىيىتى بىلەن شەھەر خەلقى ئىتتىپاقىدا ئارازلىق پەيدا بولۇپ، پارلامېنتتىكى فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى كۈچلەر كۈنسايىن كۈچەيگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارلامېنت ۋەكالەت ئورگىنىغا ئايلانغان. بۇرژۇئازىيە بىلەن ئاقسۆڭەكلەر پارلامېنت ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. دەسلەپتە پارلامېنت بىلەن كوزۇل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، پارلامېنت پارلامېنت ئەزالىرى ياكى پارلامېنتقا ئىشەنچىلىك بولغان كىشىلەرنى زوراغالىق مەھكىمىسىدە مۇھىم مەنسەپكە تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا زوراغالىق مەھكىمىسى كورۇلنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىچكى كابىنېتقا ئايلانغان. ئۇ ئەنگلىيە پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ تىكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باش ۋەزىر ۋە ۋەزىرلەر تۆۋەن پالاتادىكى كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەيىنلەنگەن. باش ۋەزىر ئادەتتە تۆۋەن پالاتادىكى كۆپ سانلىق ئىگىلەيدىغان پارتىيىنىڭ يولباشچىسى بولغان. ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئورتاق ھالدا پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولغان. تۆۋەن پالاتا ئىچكى كابىنېتنى سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى قوللىمىغان چاغدا، ئىچكى كابىنېت دەرھال ئومۇمىي ئىستېبا بېرىشكە ياكى تۆۋەن پالاتا تارقىتىۋېتىلىپ، قايتىدىن سايلاشقا توغرا كەلگەن. چىرىك سايلام تۈزۈمى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پارلامېنتتىكى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولغان. يۇقىرى پالاتا يەر ئاقسۆكەكلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكى پالاتا يەر ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكى مىسسىئونېرلارنىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىق ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، زۆرۈر تېپىلغاندا كورۇل ئاقسۆڭەك پارلامېنت ئەزالىرىنى كۆپەيتكەن. تۆۋەن پالاتا ئەزالىرى كونا سايلام رايونى بويىچە مال - مۈلۈك سالاھىيىتىگە ئاساسەن سايلىنىپ چىققان. 1832-يىلى تۇنجى پارلامېنت سايلام ئىسلاھاتى مەيدانغا كېلىپ، سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئىگىلەيدىغان يول ئېچىپ بېرىلگەن. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىشچىلار سىنپىي، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ئىككىنچى قېتىم پارلامېنت سايلام ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پارلامېنت ئىسلاھاتى كۈرىشىگە كۈرىشىگە قاتنىشىشنى پائال قوللىغان. 1867-يىلى پارلامېنت يېڭى سايلام قانۇنىنى ماقۇللاپ، مال - مۈلۈك سالاھىيىتىنى بىرئاز تۆۋەنلىتىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ سانىنى كېڭەيتكەن، لېكىن ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىدىكى ھەرخىل چەكلىمىلەرنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. ھازىرغىچە، پارلامېنت ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى پالاتا خان جەمەتى ئەۋالادلىرى، ۋارىسلىق ققىلىنىدىغان ئاقسۆڭەكلەر ۋە چېركاۋنىڭ مۇھىم كىشىلىر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھوقۇقى چەكلىك. تۆۋەن پالاتا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ (پالاتا) ئەزالىرى ھۆكۈمەت ۋەزىرى بولالايدۇ. سايلام سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىدا مۇئەييەن دەرىجىدە مال - مۈلۈك بولۇشى كېرەك. تۆۋەن پالاتادا 630 ئورۇن ئورۇن بولۇپ، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ.