Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيە - مىسىر سوداننى ئورتاق باشقۇرۇش كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
英埃共管苏丹协定
yīng āi gòng guǎn sū dān xié dìng
ئەنگلىيە مەھدى قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، 1899-يىلى 1-ئايدا مىسىر بىلەن قاھىرەدە ئىمزالىغان سوداننى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم. ئۇنىڭدا سوداننى ئەنگلىيە بىلەن مىسىر ئورتاق باشقۇرۇپ، <ئەنگلىيە ۋە مىسىر سودانى>دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ ئالىي ھەربىي ۋە ئىچكى ئىشلار ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى مىسىر خىدىۋى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن باش ۋالىي ئارقىلىق باشقۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. سودان نامدا <ئورتاق باشقۇرۇلغان> بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە تەنھا بېسىۋالغان مۇستەملىكە ئىدى. 1924-يىلى <ئەنگلىيە - مىسىر ئىتتىپاق شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، <ئورتاق باشقۇرۇش> ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1951-يىلى 10-ئايدا مىسىر بۇ شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.