Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيە - بۇر ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
英布战争
yīng bù zhàn zhēng
جەنۇبىي ئافرىقا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1899 - 1902-يىللىرى ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇرلارغا قارشى جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەملىكلىرىنى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىش يولىدا ئېلىپ بارغان جاھانگلىرلىك ئۇرۇشى. بۇلار گوللاندىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىردە جەنۇبىي ئافرىقىدا نېگىرلارنى قۇل قىلىدىغان ترانسىۋائالجۇمھۇرىيىتى، ئورانجې ئەركىن شتاتى ۋە ناتال جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت قۇرغان. 1843-يىلى ئەنگلىيە ناتال جۇمھۇرىيەتنىمۇ قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان. 1899-يىلى 10-ئايدا ئۇرۇش پارتلىغان. ترانسىۋائال بىلەن ئورانجى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەسكىرىي كۈچىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش نەتىجىسىگە ئىگە بولغان. 1900-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ياردەمنى كۆپەيتىپ بىر قىسىم زېمىننى تېزلىكتە بېسىۋالغان. بۇرر پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا كۆچۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى پاراكەندە قىلغان ۋە زەربە بەرگەن. ئەنگلىيە ئارمىيىسى ياردەمنى كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتكەن، ئەسكىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ كىشىگە يەتكەن. 1902-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى <ۋېرىنىگىڭ شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، بۇرلار ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئەنگلىيە ئىككى جايدا <جاۋابكار ھۆكۈمەت> قۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ، ئۈچ مىليون فوندستېرلىك چىقىم تۆلىگەن. 1910-يىلى ئىككى جاي جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ دومىنىئونى بولغان.