Uyghur主要词典
ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىروسىيدىكى تۇنجى ماركىسزملىق تەشكىلات. 1883-يىلى پلېخانوۋ، ئاكسېلرود، زاسولىچ قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋەدە قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى - ماكىسزمنى تارقىتىش، نارودنىكلارنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. ماركس، ئېنگلېسنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، روسىيىدە مەخپىي تارقاتقان؛ نارودنىكلارنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ ئەكسىيەتچىلىكىنى پاش قىلغان، ماركسىزمنىڭ روسىيىدە تارقىلىشىغا ئاساس ئورناتقان. لېنىن بىلەن بىرلىكتە <ئىسكرا گېزىتى> نى نەشر قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ستسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە باغلىغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قاراش، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىنقىلابتىكى رولىنى مۇبالىغە قىلىۋېتىش قاتارلىق ئېغىر خاتالىقلىرىمۇ بار. لېنىن بۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: <ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى، سوتسىيال دېموكراتىك ھەرىكەتكە نەزەرىيە جەھەتتىن ئاساس سالدى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى كۈتۈۋېلىش يولىدا تۇنجى قەدەم تاشلىدى>. ئەمەلىيەتتە تېخى ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。