Uyghur主要词典
ئەمگەكچىلەر قانۇن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىنىڭ ئىشچى ياللاش قانۇنى. ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئۈچ قانۇن: 1349-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد Ⅲ تەرىپىدىن جاكارلانغان پەرماندا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ئەمگەك كۈچى بار ئەمما تىرىكچىلىكى يوقلار، چۇما كېسىلى تارقىلىشتىن ئاۋالقى ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەك كۈچىلىرىگە ئېھتىياجى بولغان ھەرقانداق خوجايىنغا ياللىنىپ ئىشلىشى كېرەك؛ ياللىنىپ ئىشلەشتىن باش تارتقۇچى ياكى ياللانغان مۇددىتى توشماستىن خوجايىنىدىن ئايرىلغۇچىلارغا قاماق جازاسى بېرىلدۇ؛ ئىشچىلارغا يۇقىرى ئىش ھەققى بەرگەن خوجايىن بىلەن يۇقىرى ئىش ھەققى ئالغۇچى ئىشچىلارغا جەرمانە قويۇلىدۇ. 1135 - يىلى پارلامېنت تۈزۈپ چىققان <ئىشچىلار قائىدە - نىزامى> دا، مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ئومۇمەن ياللانما ئىشچى ياللانما قانۇن - پەرمانلىرىنى بۇزغان بولسا كىشەن سېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، خوجايىندىن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. 1361-يىلدىكى قانۇن لايىھىسىدە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن:ياللانغۇچى ئۆز مەيلىچە خوجاىندىن ئايرىلىدىكەن، بۇنى قانۇن قوغدىمايدۇ، تۇتۇلغاندىن كېيىن، قىزىتىلغان تۆمۈر بىلەن بەدىنىگە تامغا بېسىلىدۇ. ئەمگەكچىلەر قانۇن لايىھىسى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان شەھەر ئاھالىسى بىلەن رىتسارلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەھەر - يېزا خەلقىنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئازاب - ئوقۇبەتكە سالغان، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن.