Uyghur主要词典
ئەمگەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
جاپا، مۇشەققەت، قىيىنچىلىق، بەختسىزلىك، تارتقۇقلۇق، تەلەيسىزلىك. مەسىلەن: ئەمگەكلىك بالا - جاپا تارتقان بالا؛ ئەمگىكى قېىشىپ قالدى - تەلىيى ئوڭ كەلمەي كەتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتە يېزىلغان ماقالە، كىتاب.
ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، ئېستېتىك زوق ئالدىم. بىزنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىمىز يولداش زۇنۇن قادىرنىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەپ توپلام قىلىپ چىقىرىش. تېيىپجان ئېلىيېۋنىڭ نۇرغۇن ئەمگەكلىرى توپلام بولغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن قىلىنغان ئىش، پائالىيەت.
«ئەمگەك» ئاكتىپ سۆز، «مېنەت»پاسسىپ سۆز بولۇپ قالدى.
ئەمگەك قەھرىمانى. ئەمگەك نەمۇنىچىسى. ئەمگەك كۈچ. ئەمگەك سۇغۇرتىسى. ئەمگەك كۈنى. ئەمگەك ۋاستىلىرى. ئەمگەك پسخولوگىيىسى. ئەر ئەلگە ئەمگىكى بىلەن تونۇلار. ئەمگەك جاننىڭ لەززىتى. مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. ساقلىنى ساتقان قېرىدىن مېھنىتىنى ساتقان بالا ياخشى. ھەممە بايلىق پېشانە تەرىدىن كېلىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
كۆچمە: جاپا، غۇربەتچىلىك، قېيىنچىلىق. مەسىلەن: ئەمگەك تارتماق - جاپا تارتماق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەمگەك، مېھنەت، جاپا - مۇشەققەت.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەمگەك ئەكىندە قالماس _ ئەمگەك بىكار كەتمەس. بۇ ماقالنىڭ مەزمۇنى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ «» دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئايدى سەنىڭ ئۇزۇ
ئەمگەك تەلىم ئىزۇ
يۇمشار قاتىغ ئۇزۇ
كۆڭلۈم ساڭا يۈگرۈك
{دېدى: سېنىڭ كويۇڭدا،
نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرگە (ئۇچرىدىم)،
قاتتىق توپىلىكلەر يۇمشايدۇ،
كۆڭلۈم ساڭا يۈگرۈك (بولغاچقا).}
سۆيۈملۈكى بىلەن كۆرۈشۈش ھەققىدە: «بىز تەرەپكە شۇنچە ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ قانداق كەلدىڭ؟» دېگەنگە جاۋاب بېرىپ: «كۆڭلۈم ساڭا تەلپۈنگەچكە، ئېگىز تاغلارمۇ پەس تۇيۇلدى» دەيدۇ.
1 - 148
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئازاب، مۈشكۈل؛ ② ئازاب - ئوقۇبەت؛ قىيىن - قىستاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قىلىنغان ئىش، پائالىيەت؛ سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر؛ مېھنەت.
ساقىلىنى ساتقان قېرىدىن ئەمگىكىنى ساتقان بالا ياخشى (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. جاپا، غۇربەتچىلىك، قىيىنچىلىق.