Uyghur主要词典
ئەم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
داۋا، شىپا.
ئەركەچ ئېتى ئەم بولار، ئۆچكە ئېتى يەل (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئەممەك، ئېمىش. شۈممەك، شورىماق.
ئاغزى يۇمشاق موزاي، قوش ئەمچەك ئېمەر (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
داۋا، شىپا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا قىلىنىدىغان ۋاستە، كېسەلنى ساقيتىدىغان نەرسە.
ئۆلۈمدىن باشقىغا داۋا بار. دەردكە داۋا، رەنجىگە شىپا. ئاغرىقنى ئۆزۈڭ ياپساڭ، شىپاسىنى نەدىن ئالارسەن؟ دەردكە دەرمان بول. ئىلاجى يوق كېسەل يوق. ئەمگەك كېسەلگە ئەم.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
شىپا، داۋا. مەسىلەن: كۆك ئىنەكنىڭ سۈتى يۆتەلگە ئەم (شىپا) بولىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەم، داۋا.
داۋالىغۇچىنى « ئەمچى» دېيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
1 - 53
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەم.
ئاياللارنىڭ جنىسىي ئەزاسى.
ئوغۇزچە ۋە قىپچاقچە.
1 - 53
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
داۋا، رېسېپ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دورا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېبابەت
چېچەك ۋە بەزى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرە ئارقىلىق بېرىلىدىغان سۇيۇقلۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كۆزى كۆرمەس؛ قارىغۇ.
خۇرشىدە موماينىڭ نېمە ئۈچۈن ئەما بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ سورىدىم.