Uyghur主要词典
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(600 - 661) تۆت خەلىپىنىڭ بىرى. ئىسلام تارىخىدىكى تۆتىنچى خەلىپە. شىئە مەزھىپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەلىنى تۇنجى ئىمام ۋە ئەزەلدىن خاتالىشىپ باقمىغان <ئەۋلىيا> دەپ ھۆرمەتلەيدۇ. ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شىرەم ئۇكىسى ۋە كۇيئوغلى. كىچىك ۋاقتىدا ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باقتى. 10 ياشقا كىرگەندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي تەبىغات پائالىيەتلىرىگە ۋە بەدرى، ئوھۇد، خەندەك غازاتلىرىغا قاتنىشىپ، باتۇرلۇقى بىلەن داڭق چىقاردى. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى بۈۋى فاتىمە بىلەن توي قىلىپ، ھەسەن، ھۈسەين ۋە مۇھەممەد بىننى ھەنەفىيە قاتارلىق بالىلارغا دادا بولدى. ھەزرىتى ئوسمان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تۆتىنچى خەلىپە بولدى. (656 - 661) ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش جىددىيلىشىپ كەتتى. 656 - يىلىدىكى <تۆگە ئۇرۇشى> دا تەلھەبىننى ئۇبەيدۇللا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى بۈۋى ئائىشەنى ئەسىر ئالدى. 657 - يىلىدىكى سىففىن ئۇرۇشىدا مۇئاۋىيە بىلەن مۇرەسسە قىلغانلىقتىن، شىئە مەزھىپىدە بۆلۈنۈش بولدى. مۇرەسسەگە نارازى بولغانلار <خاۋارىجلار> بولۇپ ئۇيۇشتى. ھەزرىتى ئەلى 658 - يىلى خاۋارىجلارنى جازالايدىغان نەھرەۋان ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 661 - يىلى خاۋارىجلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، كۇفەگە دەپنە قىلىندى.