Uyghur主要词典
ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدا قوللىنىلىدىغان ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى « ئۇ ئامان بولسۇن »، « ئۇ خاتىرجەم بولسۇن » دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. تەقۋادار مۇسۇلمانلار مۇھەممەد رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا بۇ سۆزنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، « مۇسەممەد ئەلەيھىسسالام »، « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » دەيدۇ. ئىمام ۋەز ئېيتقاندىمۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى كۆپ زىكرى قىلنغانلىقتىن، بۇ سۆزمۇ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز قىسقا، ئەستە قالدۇرۇش ئاسان بولغاچقا، مۇسۇلمانلار بۇ سۆزنى كەڭ قوللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، « ئەلەيھى سالات ۋەسسالام » ( ئۇ بەختلىك ۋە خاتىرجەم بولغاي )، « سەللا للاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام » ( ئاللا ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلغاي ھەم ئۇنى ئامان قىلغاي ) دېگەندەك سۆزلەرمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھالەت، قىياپەت، تۇرق، ئەپت.
ئەلپازى ياخشى. ئەلپازى يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
پەيغەمبەرلەرنىڭ نامىغا ئۇلىنىپ كېلىپ <ئاللانىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغىمۇ بولسۇن> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.