Uyghur主要词典
ئەلچى
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(ئەلچى Ⅱ <) بىر دۆلەت باشلىقى باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتكەن ۋەكىل.
ئەلچى ئەۋەتمەك، ئەلچى تەيىنلىمەك، ئەلچىلەرئۆمىكى. * ئەلچى دەخىلسىزلىك ھوقۇقىغا ئىگە.
ئەلچى باتۇر، پالۋان بولۇشى لازىم،
دادىل سۆز، بىلىمدان بولۇشى لازىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە توي ئىشى توغرىسىدا ئارىغا قويغان ئادەم، ئىككى ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينايدىغان ئادەم، ساۋچى، ئارغۇچى.
ئەلچى قويماق، ئەلچى كىرگۈزمەك. * ئەلچىگە ئۆلۈم يوق (ماقال). * يامان ئەلچى توي بۇزار (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاستىچى، ئەر تەرەپ قىز تەرەپكە رازىلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن كىشى.
«ساۋچى» ھازىر پاسسىپ سۆز.
ئەلچىگە ئۆلۈم، جارچىغا كۆرۈم. _ توينىڭ ئەلچىسى بولغۇچە. باينىڭ غالچىسى بول. ئەخمەق ساۋچى ئىككى تەرەپنى بۇزار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ۋەكىل. ئالدىغا «باش» سۆزى قوشۇلۇپمۇ كېلىدۇ.
ئەلچى باتۇر، پالۋان بولۇشى لازىم، دادىل سۆز، بىلىمدان بولۇشى لازىم. ئەلچى دەخلىسىزلىك ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇنھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاكىستان زۇڭتۇڭىغا دۆلەت مەكتۇپى تاپشۇردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاللانىڭ بەندىلەرنى ياخشىلىققا باشلاشقا ئەۋەتكەن ۋەكىلى.
خۇدا بەرسە پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ. زامان ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ. گاھى خۇدا بىلەن روسۇل، گاھى دۇتار بىلەن ئۇسسۇل. مۇھەممەد خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسىدۇر. «قسەسۇل ئەنبىيا» نەشىردىن چىقتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم؛ <ئىلچى> غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە مەلۇم ھاجەت، تاپشۇرۇق بىلەن ئەۋەتكەن كىشى، ئىككى ئوتتۇرىدا ۋاستىلىك رول ئوينايدىغان ئادەم.
ئەلچى قويماق، ئەلچى ئەۋەتمەك
دىپلوماتىك ۋەكىللەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىسى. ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان ئادەم؛ دىپلومات.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى.
كۆچمە، دېرەك (خەۋەر) بەرگۈچى نەرسە، بەلگە.
تۇرنا - باھارنىڭ تۇنجى ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
باشقا بىر دۆلەتكە ئۆز دۆلىتى نامدىدىن بارغان كىشى؛ يەتكۈزگۈچى، ۋاستىچى، ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن رەسۇلى ۋە نەبىلەر.