Uyghur主要词典
ئەل باغدادى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇتەكەللىمۇن. باغداتتا دۇنياغا كەلگەن. ھاياتىنى بۈگۈنكى ئىراندىكى نېشابۇر ۋە ئىسفاھاندا دەرس ئۆتۈش ۋە يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئەقىدە جەھەتتە ئەشئەرى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلام ئېتىقادىنى ئىدراكىي تەپەككۇر بىلەن دەلىللەشنى تەشەببۇس قىلدى. <مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مەزھەپلەر ۋە پىرقىلەر> ناملىق ئەسەر يېزىپ، مەزھەپلەر ۋە ئىلمىي ئېقىملارنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسلىرىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ھەر خىل بىدئەتلىكلەرگە رەددىيە بېرىپ، ئەشئەرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلمىي تەۋھىدىنى شەرھلىدى. سىياسىي نەزەرىيە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ خەلىپە تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلىپ، پادىشاھ ھوقۇقىنى شەرىئەت بىلەن چەكلەپ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. <ئىمان پرىنسىپلىرى> ناملىق ئەسەر يازدى. ئۇنىڭ تەلىماتىنى ماۋەردى، غەززالى قاتارلىق كىشىلەرگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.