Uyghur←Chinese主要词典
ئەكس تەسىر
بىئولوگىيە
反应
fǎnyìng
<رېئاكسىيە> ياكى <ئىنكاس> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايات توقۇلما ياكى ئورگانىزمنىڭ غىدىقلاشقا قايتۇرغان جاۋابى. ھەرخىل جانلىقلارنىڭ ھەممىسى غىدىقلاشقا قارىتا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار. مەسىلەن، ئاميوبا ئوزۇقلۇققا يولۇققاندا يالغان پۇتىنى ئۇزارتىدۇ، نەرسىلەرگە تەگكەندە بولسا، يالغان پۇتى قايتا قىسقىرايدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارنىڭ ئېۋوليۇتسىيىلىك مۇساپىسىدە ھۈجەيرىلىرى دىففېرېنسىيىلىنىپ ئالاھىدىلەشكەن رېتسىپتورلىرى، نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئېففېكتور (تەسىر قايتۇرغۇچ) لىرى پەيدا بولغان. رېتسىپتورلىرى ھەر قايسىسى ئۆزلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان غىدىقلاشنى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ، كۆز يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشىنى، قۇلاق ئاۋازنىڭ غىدىقلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئېففېكتورلىرى ئىنكاس (ئەكس تەسىر) قايتۇرغۇچى ئورگانلار ھېسابلىنىدۇ. ھەرخىل ئىنكاس ئورگانلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇللىرى بولىدۇ. غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن مۇسكۇللىرى قىسقىراش رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىدۇ؛ بەزلەر سۇيۇقلۇق ئاجرىتىدۇ؛ نېرۋىلار نېرۋا ئىمپۇلىسىنى پەيدا قىلىدۇ. رېئاكسىيە (ئىنكاس) سۈرئىتى جەھەتتىمۇ مەلۇم پەرقلەپ بولىدۇ. نېرۋا ئىمپۇلىسى ناھايىتى تېز. ھۈجەيرىلەرنىڭ تەن سۇيۇقلۇقىدىكى بەزى ئالاھىدە ماددىلار (مەسىلەن، گورمون) غا بولغان ئىنكاسى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، مېتابولىزم جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. رېتسىپتورلار بىلەن ئېففېكتورلارنىڭ ئارىسىنى نېرۋىلار باغلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭشەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە ئورگانىزمنىڭ غىدىقلاشلارغا قايتۇرىدىغان جاۋابى بىر پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك ئىنكاس (رېئاكسىيە) ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
fǎn zuò yòng ;fù zuò yòng
反作用;副作用
مائارىپ,تەبىئىي جۇغراپىيە
反应
fǎn yìngDپارقازان، بېسىملىق باك
反作用
fǎn zuò yòngDسودا
副作用
fù zuò yòngDباغۋەنچىلىك
反作用
fǎn zuò yòngDباغۋەنچىلىك
副作用
fù zuò yòngDتاشيول قۇرۇلۇشى
反作用
fǎn zuò yòngDخىمىيە
副作用
fù zuò yòngDخىمىيە
反中子
fǎn zhōng zǐDكومپيۇتېر
副作用
fù zuò yòngDكومپيۇتېر
反作用
fǎn zuò yòngDپارقازان، بېسىملىق باك
反力,反作用
fǎn lì ,fǎn zuò yòng