Uyghur←Chinese主要词典
ئەكسىچە كۆچۈرگۈچى ئېنزىم
بىئولوگىيە
逆转录酶
nìzhuǎnlùméi
ياكى RNA گە بېقىنىدىغان DNA پولىمېرازا (或依赖于 RNA 的 DNA 聚合酶 RNA dependent DNA merase poly RNA -) بېقىنىدىغان بىر DNA پولىمېرازا بولۇپ، ئۇ تاق زەنجىرلىك RNA نى ئۈلگە قىلىپ، باشلامچى ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا يەككە دې ئوكسى نوكلېئوزىد 5 - ترى فوسفات (dNTP) لارنىڭ پولىمېرلىنىپ DNA ھاسىل قىلىشنى كاتالىزلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن RNA نىڭ يېتەكچىلىكىدىكى DNA پولىمېرازا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ باشلامچى ماددىنىڭ تىزىلىش رېتى چوقۇم ئۈلگە بىلەن ئۆز ئارا تولۇقلايدىغان بولۇشىنى، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن تۆت دانە نۇكلېئوتىدتىن ئارتۇق بولغان ئولېگونۇكلېئوتىد بولۇشى ۋە OH - 3 سىنتېزلانغان ھاسىلاتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. تەركىبىدە RNA بولغان ئۆسمە ۋىرۇسىدا بۇ ئېنزىم بايقالغان. بۇنىڭغا ئاساسەن Temin بۇ خىل ئىرسىيەت ئېقىمىنىڭ مەركەز قانۇنىيىتى (DNA→ RNA → ئاقسىل) بىلەن قارىمۇ قارشى، يەنى RNA→ DNA ئاقسىل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېنزىم ئەكسىچە كۆچۈرگۈچى ئېنزىم دەپ ئاتالغان.