Uyghur主要词典
ئەكس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۈرەت، تەسۋىر، شەكىل؛ ئىنكاس.
شولا، يالقۇن.
بىرەر نەرسىنىڭ ئەكىس تەرىپى، ئەكىسى، قارىمۇ قارشى، زىت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يانغۇ، بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىدە كۆرۈنۈشى، قايتىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان تۈرىنىڭ ئەكسى تەرىپى، «تېخى، ئۇنىڭ ئۈستىگە» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
يامغۇر ياغماس دەپ ئويلىۋىدىم، ئويۇمنىڭ ئەكسچە يامغۇر قاتتىق ياغدى. ئويۇننى قويايلى، ئۇنىڭ تەتۈرىچە ئىش تۇتايلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەينەك، سۇلار ۋە باشقا يالتىراق نەرسىلەر ئۈستىدە كۆرۈنگەن تەسۋىر، شۇ تەرىقىدە، بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر ئىش - ھەرىكەتتىكى كۆرۈنۈشى.
ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ، جېدەل تېرىش - نادانلىقنىڭ ئىنكاسى. سۈزۈك سۇدا ئۆز ئەكسىنى كۆرگەن قىز ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ تۇردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. بىرەر نەرسىنىڭ سىلىق، يالتىراق يۈزىدە كۆرۈنگەن باشقا بىر نەرسىنىڭ تەسۋىرى، شەكلى.
ئەكس ئەتمەك.
قىز ئاستا - ئاستا مېڭىپ دەريانىڭ ئىچىدە كىرىپتۇ - دە، ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ سۇدىكى ئەكسىنى كۆرۈپتۇ.
سۈپ. زىت، تەتۈر، قارىمۇقارشى.
ئەكس تەسىر.
زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن شارائىتقا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەكس تەرىپىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
سۈپ. قايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان.
ئەكس سادا.