Uyghur主要词典
ئەيىبدار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۇناھ - جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى «گۇناھ»، «گۇناھكار» لار كۆپىنچە دىنىي جەھەتتىن قارىلىدۇ.
پالتا گۇناھكار بولسا، سېپىمۇ گۇناھكار. ئۇرۇشنى ئاۋۋال باشلىغان دۈشمەن، گۇناھكار ئۆزى، قىر ئۇنى جەزمەن. بۆرە ئاچ بولسا، قوزا جىنايەتچى بولار. ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېقىندىن بۇيان ياش - ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر كۆپەيدى. ئېيىق ئەيىبدار كالىنى يارغان، كالىمۇ ئەيىبدار ئورمانغا بارغان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەيىب - نۇقسانى بار؛ گۇناھلىق.
ئەيىبسىز
ئەيىب - ئىللىتى يوق؛ گۇناھسىز.
ئالمىنىڭ يوغىنىمىغىنىغا ئالما دەرىخى ئەيىبلىك. ئەيىبسىزدىن ئەيىب ئىزلەش - ئەڭ چوڭ ئەيىب.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئەيىبى، نۇقسانى بار، ئەيىبلىگۈچى، گۇناھكار شەخس.
ساقچى ئەيىبدارنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ باردى.
سۈپ. جىسمانىي جەھەتتىن بىرەر كەمچىلىك، نۇقسانى، ئىللىتى بولغان، ئەيىبناق، ئەيىبلىك.
ئەيىبدار بالا.