Uyghur主要词典
ئەھرار خوجا مازارى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مازار ئۆزبېكىستاندىكى پەرغان شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەھرار مەھەللىسىدە بولۇپ، تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىستانلىقىدۇر. 1630 - يىلدىن 1636 - يىلغىچە سېلىنغان. بۇنى سەمەر قەنتلىك دوست مەھمۇد لايىھىلىگەن.مازارنىڭ يېنىدا مەسچىت، مەدرىسە بار. غايەت چوڭ ئابىدەئورنىتىلغان، چۆرىسىگە تام سېلىنىپ ئەگمە دەرۋازا قويۇلغان. مازارنىڭ ئۈستىگە غايەت چوڭ گۈمبەز ياسالغان. ئالدى دەرۋازا چوڭ بولۇپ، رەڭدار سىرلىق خىش،مەرمەر تاش بىلەن بېزەلگەن، رەڭلىك نەقىشلەر ئىشلەنگەن. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى لىنىيىنى بويلاپ يېشىل گۈمبەزلىك راۋاقلار سېلىنغان بولۇپ، يازدا ناماز ئوقۇيدىغان، ۋەز ئېيتىدىغان سورۇن ھېسابلىنىدۇ. تالىپلار ۋە مۇددەرىسلەرنىڭ ياتاقلىرىمۇ سېلىنغان. بۇ ئىمارەت سەمەرقەنت بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ قىممەتلىك خاتىرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.