Uyghur主要词典
ئەھلى ھەقق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى تارماقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەرەبچە ئەھلى ھەقىق دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <ھەقىقەتچىلەر> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ مەزھەپ ھەزرىتى ئەلىنىڭ <مەڭگۈلۈك ھەقىقەت> نىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىگە، ۋەھىينى بىردىنبىر يەتكۈزگۈچى ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبەرلەر ئەلى ئارقىلىق ۋەھىيگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا خەنزۇچە كونا تەرجىمىدە <ئەلى ئىلاھچىلار> دېگەن سۆز <ئەھلى ھەقق> دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ مەزھەپ ئەسلىي دەسلەپكى شىئە مەزھىپىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئۇليانىيە ئېقىمى بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرىشتىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلكىگە ئىشىنىد. كۆز قارشى بىر تەرەپلىمە بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەنئەنىۋى شىئە مەزھىپى تەرىپىدىن ھەمىشە ئەيىبلىنىدۇ، لېكىن يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەھلى ھەقق دېگەن بۇ نام 15 - ئەسىردە پەيدا بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قارا قويۇنلۇ سۇلالىسى (1380 - 1468) دىكى تۈركىي قەبىلىلەر دەسلەپ ئىشلەتتى. بۇ مەزھەپ مەخپىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقىدىسىدە شىئە مەزھىپىنىڭ ئېتىقاد تەركىبىي، شۇنداقلا تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ، مانى دىنىنىڭ، زاراتوسترا دىنىنىڭ تەسىرىمۇ بار ئىدى. دىنىي تەشكىلات چېچىلاڭغۇ بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيۇشمىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. نامايەندە تەلىماتىغا ئەمەل قىلىپ، شەمس (قۇياش) كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى پەرىشتە بىر تال مەرۋايىتقا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. گەۋدىسىنى يەتتە قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دۇنيانى ياراتقان ئىلاھ - ھاۋانداككا، ئەلى قاتارلىق يەتتە ئەۋلاد مالائىكە سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ؛ مالائىكىلەر ھەر قېتىم نامايان بولۇشى بىلەن دۇنيادىكى كىشىلەرگە رەت تەرتىپى بىلەن شەرىئەت، سوپىلىق تەلىم ئۇسۇلى، ھېكمەتۇللا بىلىملىرى، ھەقىقەت بىلىملىرى قاتارلىق دىنىي بىلىملەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارغا ھەمراھ بولغان 4 - 5 پەرىشتە تەڭرى ماھىيىتىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. دەپ ئىشىنىدۇ. بۇ مەزھەپ دۇنيادىكى كىشىلەرنى بىر خىل سېرىق لايدىن ياسالغان ياخشى كىشلەر؛ يەنە بىر خىلى قارا لايدىن ياسالغان يامان كىشىلەردىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ. روھ ئالمىشىش ۋە قىيامەت كۈنىدىكى سوراق تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلىپ، دۇنيادىكى كىشىلەردە 1100 قېتىم روھى ئالمىشىش بولىدۇ؛ ياخشى ئادەمنىڭ روھى ھەر قېتىم ئالماشقاندا بىر قېتىم پاكلىنىدۇ. جاپانى قانچىكى كۆپ تارتسا، مالائىكىلەرگە شۇنچە يېقىن بولىدۇ، ئىستىقبالى شۇنچە پارلاق بولىدۇ ھەمدە ئاخىر جەننەتكە كىرىدۇ؛ يامان كىشى مەڭگۈ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىدۇ ھەمدە قىيامەت كۈنىدىكى سوراقتا يوقىتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش قائىدە - تۈزۈملىرى بار. كوللېكتىپ ياشىسا، كوللېكتىپ ناماز ئوقۇسا قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئاسان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھەمىشە زىكرى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ، خۇدىنى يوقىتىدىغان ھالغا يېتىدۇ. ھەتتا چوغنىڭ ئۈستىدە ماڭىدۇ. ناماز ئوقۇغاندا، قۇربانلىق قىلىدۇ. قۇربانلىق خام قۇربانلىق (بۇقا، قوشقار، خوراز قاتارلىقلار) ۋە پىششىق قۇربانلىق (شېكەر، نان قاتارلىقلار) غا بۆلۈنۈپ، نامازغا قاتناشقانلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ. روزىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. قىشتا ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. ئىپتار قىلغاندا زىياپەت بېرىدۇ. ئىچكى جەھەتتە ئىرشاد تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئىرشاد بېكىتىش مۇراسىمىنى بوۋاق تۇغۇلغاندا ئۆتكۈزىدۇ. ئىرشاد بىلەن بولغان قانداشلىقى مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىرشادنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆز ئارا نىكاھلىشىشقا بولمايدۇ. ئەر - ئايال مۇخلىسلار بىر - بىرىنى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل دېيىشىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، سىرتقا ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ مۇخلىسلىرى ئىراقنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى كوردلار ۋە ئىراقنىڭ غەربىدىكى، تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۈركمەنلەر ۋە كوردلار ئارىسىغا تارقالغان.