Chinese→Uyghur主要词典
叶果罗夫
دۇنيا تارىخى
يېگوروۋ
(1883 - 1939) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. مېشچانلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1918 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە 10 - كورپۇسنىڭ سارىتسىننى قوغداش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1919 - يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي فرونت قوماندانى بولۇپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ دېنىكىننى قوغلاپ چىقىرىپ، ئورائىننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. سوۋېت روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پولشا پانلىرىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى ۋە ۋرانگېلنى يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن كيېۋ، لېنىنگراد ۋە بېلوروسىيە ھەربىي رايونلىرىنىڭ قوماندانى بولغان. 3119 - يىلىدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە شتاب باشلىقى بولغان. 1935 - يىلىدىن باشلاپ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1937 - 1938 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارلىقىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان.