Uyghur主要词典
ئەگرى توقاي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ئەگرى - توقاي»تۈز ئەمەس، ھەر تەرەپكە ئېگىلگەن.
ھەممىلا ئەگرى ياغاچ با بولىۋەرمەيدۇ. ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ئەگرى سۆز باش يارار. ھاسىنىڭمۇ ئەگرى - بۈگرىسى بار. ساياھەتچىلەر چۈشكەن ئاپتوبۇسلار ئەگرى - توقاي تاغ يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەيتتى. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلىدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىڭغىر پۇتاققا ئۆتكۈر پالتا. قارىغۇغا قىسىق كۆزمۇ سۇلتان. قىيسىق بولساڭ، قىرلىنىسەن. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قىڭغىر - قىيسىق ياغاچمۇ تۈز كۆيىدۇ. سىڭايان قارىغانغا تۈز سىڭايان كۆرۈنەر. قومۇشنى قىيا تۇتما قولۇڭنى كېسىدۇ. قىيپاش ياغاچ لىم بولماس. يانتۇرنىڭ سايىسىمۇ يانتۇ. ئەگمەچ تاياق ھاسا بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قىڭغىر - قىيسىق، ئوڭغۇل - دوڭغۇل، تۈز ئەمەس، يىلان باغرى.
ئەگرى - توقاي يول.