Uyghur主要词典
ئەدەبىياتنىڭ خاھىشچانلىقى
领域: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىبۇ كىشىلەرنىڭ سىنىپىي مەيدانى ۋە سىاسىي ئىدىيىسىنىڭ سۆز، ھەرىكەتلىرىدە كونكرېت ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خاھىشچانلىقى يازغۇچىنىڭ سىنىپىي مەيدانى ۋە سىياسىي ئىدىيىسىنىڭ ئەسەردىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزى تەسۋىرلىگەن تۇرمۇش ۋە پېرسوناژلارغا قارىتىلغان مۇھەببەت ياكى نەپرەت پوزىتسىيىسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەر بىر سىنىپنىڭ يازغۇچىلىرى تۇرمۇشنى كۆزىتىش، تېما تاللاش، باش تېمىنى تاۋلاش، پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىش .... قاتارلىقلاردا ئۆزىنىڭ رېئاللىققا بولغان باھاسىنى ئىپادىلەپ، مۇئەييەن سىنىپنىڭ نۇقتىئىنەزىرى ۋە سىياسىي خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. پرولېتارىيات ئەدەبىي ئەسەرلەردە روشەن خاھىش بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، يازغۇچىلارنىڭ ئۆزى تەسۋىرلىگەن تۇرمۇشقا قارىتا كۈچلۈك پرولېتارىياتلىق مۇھەببەت ياكى نەپرەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، بۇنداق خاھىشچانلىق ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بولۇشى، يەنى بەدىئىي پېرسوناژلارنى چىنلىق بىلەن سۈرەتلەش ئارقىلىق گەۋدىلىنىشى لازىم. خۇددى ئېنگېلس كۆرسەتكەندەك: <مېنىڭچە، خاھىش كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەقەلىكتىن تەبىئىي كۆرۈنۈشى، ھەرگىز ئۇنى كۆرسىتىپ بەرمەسلىك لازىم> (<م. كائۇتسكىغا>)
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。