Uyghur←Chinese主要词典
ئەبۇ بەكرى
دۇنيا تارىخى
阿布.伯克尔
ā bù .bó kè ěr
(573 - 634) ئىسلام دىنى تارىخىدىكى تۇنجى خەلىپە (632 - 634). مەككە قۇرەيىش قەبىلىسى بەنى تىم ئاقسۆڭەك جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ساھىبى. كېيىن ئۆزىنىڭ قىزى ئائىشەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئىسلام دىنىغا بىرىنچى بولۇپ ئېتىقاد قىلغان ئەر بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللىغان. مىلادى 622-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ياترىب (كېيىن مەدىنىگە ئۆزگەرتىلگەن) گە ھىجرەت قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاساسلىق مەسلىھەتچىسى بولغان. 631-يىلى تۇنجى تۈركۈم مۇسۇلمانلارنى يېتەكلەپ بەيتۇللانى تاۋاب قىلىشقا بارغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلانغان. ئۇ خەلىپە بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پەرمان چۈشۈرۈپ <قۇرئان> نى رەتلەتكۈزگەن، يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان دەۋاسى قىلغان تەلىفە قاتارلىق كىشىلەر رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (يەنى <ئەل - رىددا ئىسيانى>) نى باستۇرۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. يەنە سۈرىيە ۋە ئىراققا قوشۇن ئەۋەتىپ، ئەرەبلەرنىڭ غايەت زور ئىستېلا قىلىش ھەركىتىنى باشلىغان.
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
艾卜·伯克尔
ài bo ·bó kè ěr
تارىخ
艾卜·伯克
ài bo ·bó kè