Uyghur←Chinese主要词典
ئىدىرىس خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
伊德里斯王朝
yī dé lǐ sī wáng cháo
لىۋىيىنىڭ پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك خاندانلىقى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتالىيە يېڭىلىپ، ئەسلىدە ئىتالىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان لىۋىيە ئەنگلىيە، فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1951 - يىل 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، لىۋىيە پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى فېدېراتىپ دۆلەتكە ئايلىنىپ، سانۇس مەزھىپى دىنىي تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئىدىرىس (1890 - ؟) تەختكە يۆلەپ نامىنى لىۋىيە پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن. ئىدىرىس Ⅰ جاھانگىرلارنىڭ ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز خەلقىنى دەھشەتلىك ئەزگەن. 1969 - يىلى خاندانلىق ئىچكى ئىنقىلاب ئارقىلىق ئاغدۇرۇلۇپ، ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان