Uyghur←Chinese主要词典
ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقى
پسىخولوگىيە
知觉的选择性
zhī jué de xuǎn zé xìng
كىشى ئۆزىنىڭ مەلۇم خىلدىكى ئېھتىياجى، مەقسىدى بويىچە پائالىيەتچانلىق بىلەن ئاڭلىق ھالدا ئاز ساندىكى شەيئىنى (ياكى مەلۇم شەيئىنىڭ مەلۇم قىسمىنى) ئىدراك قىلىپ تاللايدۇ. ياكى مەلۇم خخلدىكى شەيئىنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن ئۇنى ئىختىيارسىز ھالدا ئىدراك ئوبيېكتى قىلىپ تاللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن روشەن، ئېنىق ئىدراكىي ئوبراز ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەر ئىدراك ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىدراكىي ئوبرازى خىرەرەك بولىدۇ. مانا بۇ ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقىدۇر. تاللانغان ئوبيېكت پۈتۈن بىر شەيئى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ پۈتۈن تۇرقىنى ئىدراكنىڭ ئوبيېكتى قىلىش مۇمكىن، ياكى ئۇنىڭ يۈزىنى ۋى ياكى گەۋدىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئىدراكنىڭ ئوبيېكتى قىلىش مۇمكىن. مانا شۇ ئىدراك ئوبيېكتلىرىدىن شەكىللەنگەن ئىدراكىي ئوبرازلارمۇ بىر پۈتۈن بولىدۇ. دېمەك، ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقى ئىدراكنىڭ پۈتۈنلۈكى، چۈشىنىشلىكلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقىنىڭ ئوبيېكتىپ شەرتى ئوبيېكتنىڭ كىشىنىڭ ئىختىيارسىز دىققىتىنى تارتقىدەك روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى. مەسىلەن: ئوبيېكتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتىن پەرقىنىڭ زور بولۇشى، ئارقا كۆرۈنۈشتە نىسپىي ھەرىكەت قىلىشى، كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇشى، ۋە باشقىلار. ئۇنىڭ سۇبيېكتىپ شەرتى شۇكى،كىشىنىڭ ئېتىياجى، مەقسىتى، قىزىقىشى، پوزىتسىيىسىگە ئاساسەن، مۇئەييەن ئوبيېكتقا ئاڭلىق دىققەت قىلىشى، بۇ ئوبيېكتنىڭ كىشىگە نىسبەتەن بىئولوگىيىلىك ياكى ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە، كىشىنىڭ بىلىمى، تەجرىبىسى، كۆزىتىش قابىلىيىتى، ئانالىز قىلىش قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىق قانۇنىيىتى تۈرلۈك ئەمەلىي مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوبيېكتنى ئارقا كۆرۈنۈشتىن روشەن ھالدا پەرقلىق قىلىش لازىم. مەشقتە كۆزىتىش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئوبيېكت بىلەن ئارقا كۆرۈنۈش پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش، ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقىدىكى قىيىنچىلىقنى تەدرىجىي ھالدا تەرتىپ بويىچە ئاشۇرۇش لازىم.