Uyghur←Chinese主要词典
ئىدراكىي ئوبراز
پسىخولوگىيە
知觉的映象
zhī jué de yìng xiàng
بۇ ئىدراك جەريانىدا، تاشقى دۇنيادىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشى مېڭىسىدە ھاسىل بولغان مۇكەممەل ئوبرازدىن ئىبارەت. ئىدراكىي ئوبراز ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئىنكاسى، كۆچۈرمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان يېرى بار. ئىدراكىي ئوبراز كۆپ خىلدىكى ئانالىزاتورلاردىن ھاسىل بولغان نۇرغۇن خىلدىكى سەزگۈ تەركىبلىرىنىڭ سىنتېزلىشىدىن ئىبارەت ئىدراكىي ئوبرازدۇر. شۇنىڭدەك ئۇ بىر خىل ئانالىزاتوردىن ھاسىل بولغان ئاددىي كۆرۈش ئىدراكىي ئوبرازى، ئاڭلاش ئىدراكىي ئوبرازى، ھەرىكەت ئىدراكىي ئوبرازى، پۇراق ئىدراكىي ئوبرازى، تەم ئىدراكىي ئوبرازى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. پەقەت ئالدىنقىسىلا ئىدراكىي ئوبراز دەپ قارىلىپ، كېيىنكىسى مەلۇم خىلدىكى سەزگۈ دەپ قارالسا، خاتا بولىدۇ.