Uyghur主要词典
ئېچىشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئاچماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يارىلانغان ياكى جاراھەتلەنگەن جاي مەلۇم بىر نەرسىنىڭ تەسىرىدىن كۆيۈپ ئاغرىماق.
ئۇنىڭ ئوق تەگكەن يېرى ئېچىشىپ ئاغرىشقا باشلىدى.
كۆچمە. دەرد - ئەلەم، روھىي ئازاب - ئوقۇبەت تارتماق.
قىزىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ بەختىنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى.
كۆچمە. چىدىماي قالماق.
بىر تاۋاق ئالتۇنغا پادىشاھنىڭمۇ بىر يەرلىرى ئېچىشقانىكەن، ئارتۇقچە گەپ قىلماپتۇ.