Uyghur主要词典
ئىچىملىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق، مېۋىگە ئوخشاش كراخماللىق، شېكەرلىك ماددىلارنى ئېچىتىپ ياسالغان ئىچكۈلۈك، ئىسپىرتلىك بولىدۇ، كۆپ ئىچسە مەست قىلىدۇ، تۈرى كۆپ، بۇلار ئومۇمىي ناملىرى.
ئىچىملىك ئىچىشتە فرانسۇزلار دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1989 - يىلى فرانسۇزلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 73 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىكنى ئەڭ ئاز ئىچىدىغىنى ياپونلار بولۇپ، شۇ يىلى ياپونلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 6.1 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىك ئىچىش زەھەر ئىچىش دېمەكتۇر. ئەقىل تاشنى يارىدۇ، ھاراق باشنى يارىدۇ. ھاراققا بېرىلگەن قەبرىسىنى ئايلىنار. مەي تىلنىڭ تىزگىنىنى بوشىتىۋېتىدۇ. ئىچتىم شاراب بولدۇم خاراب. نەغمىسىز شاراب - قامچىسىز ئازاب. < شارابقا قاندىم> دېگۈچە،< چاتاققا قالدىم> دە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پىۋا، ھاراق، گازلىق سۇ ياكى چاي، قەھۋە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، ئىچىشكە بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.
قىزلار داستىخاننى يىغىپ، بىزگە ئىچىملىك ئەكەلدى.