Uyghur←Chinese主要词典
ئىچكى پلازما تورى
بىئولوگىيە
内质网
nèizhìwǎng
قىسقىچە ER دەپ ئاتىلىدۇ. سىتوپلازمىدىكى مۇھىم بىر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتىدۇر. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا ئۇبىر قەۋەت بىرلىك پەردىدىن شەكىللەنگەن، شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان خالتىسىمان، پۈۋەكچىسىمان ۋە نەيسىمان پەردە قەۋەتلىرىنىڭ تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىر تۇتاش پەردە سىسىتېمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. پەردىنىڭ سىرتقى يۈزىدە رىبوزومىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش - بولماسلىقىغا ئاساسەن، يىرىك يۈزلۈك ئىچكى پلازماتورى (رىبوزوما بولىدۇ) ۋە سىلىق يۈزلۈك ئىچكى پلازما تورى (رىبوزوما بولمايدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئچىكى پلازما تورى يادرو پەردىسى بىلەن ئۆز ئارا تۇتىشىدۇ ھەمدە تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىسى جەھەتلەردە گولگى ئاپپاراتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يىرىك يۈزلۈك ئىچكى پلازما تورىدا سىنتېزلەنگەن ئاقسىللار توشۇلۇشتىن سىرت مايلار ۋە ستېرويىدلار سىنتېزلىنىدۇ، گلىكوگېننىڭ مېتابولىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئچىكى پلازما تورىدا سىنتېزلانغان ماددىلار بىردەك گولگى ئاپپاراتىدا قاچىلىنىپ تۇشۇلىدۇ. ئچىكى پلازما تورى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىلىرىنى بىۋاستە ئاجرىتىپ چىقىرىشمۇ مۇمكىن.
ئاناتومىيە,تېببىي
内质网
nèi zhì wǎng