Uyghur←Chinese主要词典
ئىچكوۋ سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
伊契科夫和约
yī qì kē fū hé yuē
1804 - 1813 - يىللىرى بىرىنچى قېتىملىق سېربىيە قوزغىلىڭىدا، قوزغىلاڭچىلار بىلەن تۈركىيە سۇلتانى سەلىم شاھ Ⅲ 1806 - يىلى 12 - ئايدا تۈزگەن سۈلھ شەرتنامە. قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى پېترا ئىچكوۋ سۆھبەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شۇ چاغدا تۈركىيە ناپولېئون فرانسىيىسىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاكتىپ تەييارلىنىۋاتقانىدى؛ مەملىكەت ئىچىدىكى يەرلىك فېئداللار بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، سۇلتاننى قوزغىلاڭچىلارنىڭ سېربىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبورلاۋاتقانىدى. 1807 - يىلى 1 - ئايدا سۈلھ شەرتنامە رەسمىي تەستىقلانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، سۇلتان سېربىيە خەلقىدىن ئېلىنىدىغان ھەرخىل باج - سېلىقنى ئۆزگەرتىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بىرخىل باج - سېلىقنى بىر قېتىمدىلا يىغىدىغان بولغان. سېربىيىدىكى تۈركلەر شەھەرلەردىلا ئولتۇراقلىشىدىغان بولغان؛ سېربىيىدىكى تۈركىيە قوشۇنلىرى چېكىندۈرۈلۈپ، يەرلىكنىڭ مۇداپىئەسىنى سېربىيىلىكلەر ئۈستىگە ئالغان. سۈلھ شەرتنامىدە، ئەمەلىيەتتە سېربىيىگە ئاپتونومىيە بېرىلگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. لېكىن قوزغىلاڭچىلار روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن سۈلھ شەرتنامىنىڭ مەزمونىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتقان ھەمدە 1807 - يىلى 3 - ئايدا روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان