Uyghur←Chinese主要词典
ئىچىكا ۋاشوئىچى
دۇنيا تارىخى
市川正一
shì chuān zhèng yī
(1892 - 1945) ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياماگۇتى ناھىيىسىدىن. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1922 - يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1927 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1928 - يىلىدىكى 15 - مارت ۋەقەسىدىن كېيىن موسكۋاغا بېرىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان. 1929 - يىلىدىكى 16 - ئاپرېل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1935 - يىلى قاماقتىكى چېغىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە ئەزالىقىغا سايلانغان. 1945 - يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈرمىدە ئۆلگەن. ئۇ سوتتا بەش قېتىم ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ (1931 - يىل 7 - ئاينىڭ 21 - 30 - كۈنلىرى) ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئىچكى - تاشقى ئەكسىيەتچىل جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باتۇرانە كۈرەش تارىخىنى سىستېمىلىق بايان قىلغان. ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇنىڭ خاتىرىلىۋېلىنغان نۇتۇقلىرىنى رەتلەپ چىقىپ <ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۈرەش تارىخى> ناملىق كىتابچە نەشر قىلغان. ئۇنىڭ يەنە <پرولېتارىيات>، <سىنىپنىڭ ئاممىۋى يېگانە سىياسىي پارتىيىسى دېگەن نېمە؟>، <ياپونىيە پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ تەرەققىيات تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.