Uyghur主要词典
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قاتاردىكى ئالتە پەيغەمغەرنىڭ بىرى، «ئاللانىڭ دوستى»دۇر. خاتىرىلىنىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، يۇلتۇرلارغا، ئايغان، قوياشقا سەجدە قىلغان. كېيىن «ئاسماننى ۋە زېمىننى ياراتقان ئىگىسى» گە ئىمان ئېيتقان. دادىسى ئازەرنى ۋە قوۋمىدىكىلەرنى بۇدقا سەجدە قىلىشتىن ۋاز كىچىپ، بىر ئاللاغا ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان. بۇدلارنى چېقىۋەتكەنلىكىدىن قوۋمىدىكىلەرنىڭ قارىشىلىقىغا ئۇچراپ، ئوتقا تاشلانغان. ئاللانىڭ ساقلىشى بىلەن زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىمىغان. ئاندىن كېيىن دادىسى تەرىپىدىن باشقا يەرگە قوغلىۋېتىلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىككى ئوغۇللۇق بولدى. بۇلارنىڭ بىرى ئىسمائىل، يەنە بىر ئىسھاق ئىدى. بىر كېچىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چۈش كۆردى. چۈشىدە ئاللا ئۇنىڭغا ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىلنىڭ بويىنغا پىچاق سالغاندا پىچاق ئۆتمىدى. ئاللا ئىسمائىلنىڭ بەدىلىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن جەننەتتىن قوچقار چىقىرىپ بەردى (مۇفەسسىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىلنىڭ ئورنىدا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان. ئىسلام دىنىدىكى قۇربان ھېيت شۇنىڭدىن پەيدا بولغان). رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى بۈۋى ھەجەر ئوغلى ئىسمائىلنى ئېلىپ مەككىگە بارغان ھەمدە ئوغلى بىلەن ئۇنى ئەرەبلەر ئەجدادىمىز، دەپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇلارنى مەسچىدىل ھەرامدىكى كەبىگە ئاساس سالغانلار دەپ قارايدۇ. كەبىنىڭ ئالدىكى چوڭ تاشتا«ئاياغ ئىزى» بار. مۇسۇلمانلار بۇنى كەبىنى ياسىغاندا قالغان ئىز، دەپ قارايدۇ. ھەج تاۋاپ قىلىدىغانلار ھازىرمۇ بۇ يەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ.