Uyghur←Chinese主要词典
ئىبنۇل ئەسىر
دۇنيا تارىخى
伊本.阿西尔
yī běn .ā xī ěr
(1160 - 1233) ئەرەب تارىخشۇناسى. ئۇزاققىچە مۇسۇلدا تۇرغان ھەمدە دائىم باغدادقا زىيارەتكە بېرىپ تۇرغان، سالاھىدىننىڭ قوشۇنى بىلەن سۈرىيىگە بارغان،كېيىن ھەلەب ھەم دەمەشقتە تۇرغان. <تارىخى تەبەرى> ۋە <پايانسىز دالىدىكى شىر توپى> دېگەن ئەسەرلرى بار. ئالدىنقىسى 12 چوڭ جىلدقا بۆلۈنىدۇ. ئۇ تەبەرنىڭ <تارىختىن بۇيانقى ئەۋلىيالار ۋە خان پادىشاھلار تارىخى> دېگەن كىتابىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزمونى ئەسلى كىتابنىڭكىدىن تەپسىلىي ۋە رەتلىك بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا 1231 - يىلغىچە بولغان ئەھۋال كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ئائىت خاتىرىلەرنىڭ خېلى زور قىممىتى بار. كېينكى كىتاب مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 7500 نەپەر مۇخلىسىنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، ئەرەب تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.