Uyghur主要词典
ئازۇ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يا، ياكى: كەلۇرمۇسەن، ئازۇ بارىرمۇسەن؟ - كېلەمسەن يا بارامسەن؟
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۆلگۈچى باغلىغۇچى، سۆز، جۈملىلەرنىڭ ئىككىدىن بىرىنى تاللاش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
سەن بارامسەن، يا مەن كېلەيمۇ؟ خام مېۋىدە يا پۇراق يوق، يا لەززەت. ئۇ يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە. يولۋاسنى ئۆلتۈرۈش ياكى يولۋاسقا يەم بولۇش - ئىككىنىڭ بىرى. بۇ يەردە بىكار تۇرامدۇق، كىنوغا بارايلى، يا بولمىسا، ئۆيگە كېتەيلى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يا، ياكى.
ئىككى نەرسىدىن بىرىنى تاللىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ياردەمچى سۆز. يۈزۈم يېگىن ئازۇ قاغۇل يېگىن _ ئۈزۈم يېگىن يا قوغۇن يېگىن. بۇ سۆز تەكرا سوراق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كىلەرمۇسەن ئازۇ بارمۇسەن _ كېلەمسەن يا كېتەمسەن؟
1 - 119
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئەجەبا؛ ② خۇددى