Uyghur主要词典
ئازتېك ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرگىچە مېكسىكىدىكى ئازتېكلار قۇرغان ئىمپېرىيە. ئازتېكلار ناخۇئالارنىڭ بىر تارمىقى. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شىمالدىن مېكسىكا ئويمانلىقىغا كەلگەن.1325-يىلى تېنوچىتىتلان شەھىرى (ھازىرقى مېكسىكا شەھىرى) نى قۇرۇپ پائالىيەت مەركىزى قىلغان. كېيىن قورال كۈچى بىلەن ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقى قۇرۇپ، شۇ چاغدىكى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ كۈچلۈك <ئىمپېرىيە> گە ئايلانغان. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىنكا ئىمپېرىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئىككى چوك <ئىمپېرىيە> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تەسىر كۈچى مېكسىكا قولتۇقى ۋە تىنچ ئوكيان بويلىرىغىچە كېڭەيگەن. ئۇلار مىللەتنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلنى داۋاملاشتۇرۇپ، جامائەت يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يېزا ئىگىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىر قەدەر راۋاجلانغان بولۇپ، ناھايىتى زور سۇغىرىش سىستېمىسى بولغان. رەسساملىق، ساپالچىلىق خېلى نەپسلەشكەن. بىناكارلىق ۋە سەنئەت خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. مۇستەملىكىچىلەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئىمپېرىيە كۈنسايىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1519 - 1521-يىللىرى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغان.