Uyghur←Chinese主要词典
ئاز سانلىقلار ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
少数派运动
shǎo shù pài yùn dòng
ئەنگلىيە ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا ئوڭ قانات رەھبەرلىك قاتلىمىغا قارشى تۇرغان گۇرۇھۋازلىق تەشكىلاتى. 1924-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان. كان ئىشچىلىرى ئارىسىدا خېلى زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان. 1926-يىلى لوندوندا قۇرۇلتاي چاقىرغاندا بىر مىليون ئەزايىمىز بار دەپ جاكارلىغان. بۇ تەشكىلات كومپارتىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، قىزىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىنتېرناتسىئونالىغا قاتناشقان. 1926-يىلىدىكى چوڭ ئىش تاشلاشتا زور رول ئوينىغان. 30-يىللارنىڭ باشلىرىدا پائالىيىتىنى توختاتقان.