Uyghur主要词典
ئازرىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئايرىلىشتى.
ئولار ئىكى ئازرىشدى _ ئۇلار ئىككىسى ئايرىلىشتى ( ئازرىشۇر _ ئازرىشماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تۈمەن چەچەك تىزىلدى
بۈككۈندەن ئول يازىلدى
ئۈكۈش ياتىپ ئۈزەلدى
يېردە قوپا ئازرىشۇر
{تغمەن چېچەك تىزىلدى،
تۈگۈنچەكلىرىدىن ئۇ يېزىلدى،
(يەر ئاستىدا) تولا يېتىپ قىينالدى،
يەردىن قوپۇپ ئايرىلىشار.}
يازنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: تۈرلۈك _ تۈمەن چېچەكلەر تىزىلدى، غۇنچىلار پورەكلەپ ئېچىلدى، ئۇلار يەر ئاستىدا ئۇزاق ئېزىلگەن ئىدى، ئەمدى بۆسۈپ چىقىپ بىر - بىرىدىن ئايرىلماقتا.
1 - 310