Uyghur主要词典
ئائۇڭزېيا
دۇنيا تارىخى
(1714-1760) بىرمىنىڭ ئائۇڭزېيا خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئائوڭزېيا<غالىپ پادىشاھ> دېگەن مەنىدە. ئۇ ئەسلىي بىرمىنىڭ شىمالىدىكى شىۋېبو دېگەن يەردىكى يەرلىك ئەمەلدار بولۇپ، جوڭگونىڭ تارىخلىرىدا ئۇنى مۇشۇ بېگى دەپ ئاتىغان. 1752- يىلى مونىسلار تۇڭگو خاندانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مونىسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1753- يىلى ئاۋانى ئالغان، كېيىن يەنە پرومېنى ئېلىپ، رانگوننى بېسىۋالغان ھەمدە داگۇننى رانگۇ(<دۈشمەن تۈگۈشۈپ كەتتى> دېگەن مەنىدە) دەپ ئۆزگەرتكەن. كەينىدىنلا يەنە سۇرىيامنى ئىشغال قىلغان. 1757-يىلى مونىسلاردىن پېگۇنى تارتىۋېلىپ، ۋەيران قىلىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرمىنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1758-1759-يىللىرى شەرقىي شىمالدىكى مەننىپونى بويسۇندۇرغان. 1759- يىلى سىيامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، سىيامنىڭ پايتەختى ئايۇتىيىنى قورشىۋېلىپ، نەتىجە چىقىرالماي، چېكىنىشكە مەجبور بولغان. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سۇغىرىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، يېزائىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن رانگون سۇرىيامنىڭ ئورنىنى دەسسەپ، مۇھىم پورتقا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ قانۇن تۈزۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن. 1759-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ خىڭگىي ئارىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىق تايانچ پونكىتلىرىنى يوقىتىشقا پەرمان چۈشۈرگەن (خىڭگى ئارىلى ۋەقەسىگە قاراڭ).