Uyghur←Chinese主要词典
ئائورىسلار
تارىخ
阿鄂西人
ā è xī rén
دۇنيادىكى مىللەتلەر
奄蔡人
yǎn cài rén
ئائورىسلار <ئائورىسى ئالانىيلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئائورىسلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ھەم دۆلەت نامى بولۇپ، ئارال دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز ئەتراپىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. غەربىي خەن دەۋرىدە ئەسكىرىي كۈچى 100 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، غەربىي يۇرتتىكى قۇدرەتلىك بەگلىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شەرقىي خەن دەۋرىدە كانكىئۇ بەگلىكىگە بېقىندى بولغان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە ئالانىيلار دەپ ئاتىلىپ بىر قىسىم ئاھالىلىرى غەربكە سىلجىپ ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ۋادىلىرىغا يېتىپ بارغان. شەرقىي جىن سۇلالىسى (317 - 420) نىڭ ئاخىرىدا داۋاملىق غەربكە سىلجىپ دوناي دەرياسى ۋادىلىرىغىچە يېتىپ كەلگەن.