Uyghur主要词典
ئائىلە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نىكاھ ۋە قانداشلىقنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي بىرلىك، ئادەتتە ئاتا - ئانا، بالا - چاقا ۋە باشقا بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
مېھمان كەلگەن ئۆي جەننەت. چوڭ ئۆينىڭ ئورتاق، كىچىك ئۆينىڭ ئۆزىگە. مۇھەببەتسىز ئۆي ئۆي بولماس، جانسىز تەن ھەقىقىي ئادەم ئەمەس. ئائىلىنىڭ توقلۇقى تۈتۈنىدىن مەلۇم. ئىسراپخور ئائىلە ۋەيران بولماي قالماس. ئائىلىسىگە قاراپ ئادىتى. ئائىلىدە گەپ - سۆزنىڭ بولماسلىقى - تويدا نەغمە سازنىڭ بولماسلىقى. ماختىنىش بىلەن ساختىلىق - بىر ئائىلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەر - خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرى ھەم ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئىبارەت بىرگە ياشىغۇچى كىشىلەر توپى.
ئۇ شۇ يول بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كىرىشىپتۇ.
بىر مەقسەت، بىر مەسىلە بىلەن بىرلەشكەن كۆپ كىشىلەر.
جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ئەللىك نەچچە مىللەت ياشايدۇ.
<بىئول> جانلىقلار سىستېمىسىدىكى تۈزۈلۈش جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئوخشاش، كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئۆزئارا يېقىن بولغان ھەمدە بىر نەچچە ئۇرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇرۇپپا.