Uyghur主要词典
ئائېگىنا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناندىكى بىرك كىچىك ئارال. سارونىڭ قولتۇقىدا. ئاتىتكا يېرىم ئارىلى (ئافىنا) بىلەن جەنۇبىي يۇنان (گرېتسىيە) دىكى ئارگولىس ئارىلىقىغا جايلاشقان. كۆلىمى 85 كۋادرات كىلومېتىر، ئايلانمىسى 30 نەچچە كىلومېتىردىن ئاشمايدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئارال نامى دەريا ئىلاھى ئاسوپۇسنىڭ قىزى <ئائېگىنا> غا ئاتاپ قويۇلغانىكەن. ئارالنىڭ غەربىي شىمالىي تەرىپىدە شۇ ناملىق شەھەر بىنا قىلىنغان. بۇرۇنقى ئاھالىسى ئاكاياسلار بولۇپ، كېيىن بىر تارماق دورىيانلار كۆچۈپ كېلىپ، ئائېگىنا شەھىرىنى بىنا قىلغان. دېڭىز سودىسىنىڭ پايدىسى بىلەن ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بىر مەھەل داڭق چىقارغان. ئائېگىنانىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرى دورىيانلار ياشايدىغان كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ سودا - سېتىقىدا پۇلنىڭ كۈمۈش بىرلىكىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ئافىنا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ مۇرەسسەگە كېلىپ، سالامى دېڭىز ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) 30 كېمە ئەۋەتىپ كىسېركىسېس Ⅰ گە قارشى جەڭگە قاتناشتۇرغان. كېيىن يەنە ئافىنا بىلەن قارشىلىشىپ يېڭىلگەندىن كېيىن ئافىنا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، دېلوس ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، ئېغىر باج - سېلىقلارنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. پىلو - پوننېسوس (مورىيا) ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە (مىلادىدىن 429 يىل ئىلگىرى) ئاھالىلىرى ئافىنالىقلار تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلىپ، يەرلىرى ئافىنا كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى) سپارتالىقلار قايتىدىن قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى ئاۋاتلىقىنى يوقاتقان. ئاكايا ئىتتىپاقى ۋە ئايتولىيە ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىمغا قوشۇلۇپ كەتكەن. ئائېگىنا مەدەنىيەت - سەنئەت جەھەتتە بەلگىلىك تۆھىپلەرنى ياراتقان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ شەھەر خارابىسى قېزىلىپ، نۇرغۇنلىغان قەدىمىي ئاسارئەتىقىلەر (زېۋىس ئىلاھى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار) قولغا كەلتۈرۈلگەن.