Uyghur主要词典
ئاخشام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوتكىنىڭ كۈندۈزى تۈگەپ، قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقتى، شۇ ۋاقىتتىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىت.
كەچ يات، سەھەر تۇر. كەچقۇرۇن كەلگەن مېھماننى ياخشى كۈت. كېچىنى كېچە دېمەي ئىشلىمەك. سۈت كېچىدىمۇ ئاق. ئاخشام بولدى يات، سەھەر بولدى كەت. كۈننى تۈنگە ئۇلاپ. تۈننىڭ راھىتى - تىنچ ئۇيقۇ. نىسپىي شەپتە ئويغاندىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۈگۈندىن ئىلگىرى ئۆتكەن كۈن.
ئەتە، تاڭلا
بۈگۈندىن كېيىن كېلىدىغان كۈن.
ھېچكىم تۈنۈگۈننى چاقىرىپ كېلەلمەس. ئەتىگە - ئەتىنىڭ شامىلى چىقىدۇ. ئالدىرماڭ، ئاستا كېلەر، تېڭىرقىساڭ، تاڭلا كېلەر. تۈنۈگۈننى كارامەتكە ئەتە ھېچكىم تاڭ قالماس. تۈنۈگۈن ئۆتتى، ئەتىگە خۇدايىم بار. ئاخشام ئويلىغاننى ئەتە ئېيت. تۈنۈگۈنكىگە يېتەلمىسەڭ، ئەتىكىدىن ئۆتەلمەيسەن.
كەتتى مۇدھىش قىش كۈنى،
مەلۇم ئەمەستۇر ئەتىسى.
خۇش تۇتايلى ئۇشبۇ كۈننى،
ئەتەنى كىم بىلگۈسى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن، تاڭ، سەھەر، سۈبھى، بامدات
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاخشام.
1 - 144
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
كۈن ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان ۋاقىت؛ پەيت.
مېنىڭ ئانام ئەمگەكچان، بىلمەس ئۇندىن باشقىنى. ئىشتىن ئۈزمەس قولىنى، ئەتىسى ۋە ئاخشىمى.
كەچ، كەچقۇرۇن.
ئاشۇ ئاخشام ھېچ چىقمايدۇ، ئېسىمدىن (تۇنجى سۆيگۈ ھۇزۇرىنىڭ گۇۋاھى)، شۇ ئۇچرىشىش بولغانىدى يۈرەكنىڭ، دوختۇر ئىلاج قىلالمىغان داۋاسى.