Uyghur主要词典
ئاخىرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇ دۇنيا، باقىي دۇنيا ئۆلگەندىن كېيىنكى ئالەم.
قىيامەت.
دىنى: كىشى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا باشلىنىدىغان ھايات.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇ دۇنيا، باقىي ئالەمگە ئائىت.
دۇنيا ئىشىنى ئاخىرەتكە قالدۇرما. ئادەمنىڭ ئادىتىنى پەقەت ئاخىرەت ئۆزگەرتەر. خەير، قىيامەتتە كۆرۈشەرمىز. قەرزنى قىيامەتكە قالدۇرما. تاڭنا كۈنى ھەممە تەڭ بولىدۇ. مەھشەر كۈنى سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، ساق ئۆتكەيسەن.
بىئولوگىيە
مۇسۇلمانلار رېئال دۇنيا يەنى <بۇ دۇنيا> گۇمران بولغاندىن كېيىنكى يەنە بىر دۇنيانى ئاخىرەت دەيدۇ. ئاخىرەتتە جەننەت ۋە دوزاخ بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە: <(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر، ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر> (75 - سۈرىنىڭ 20 -، 21 - ئايەتلىرى). بۇ زامان ئاخىرغا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلمەككە، قىيامەتتىكى سوراققا، جەننەتكە ۋە دوزاخقا ئىشىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاخىرەت مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ. مۆمىنلەرنىڭ ھەقىقىي قارارگاھى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا <ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش> ئىسلام دىنىدىكى ئالتە ئىماننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئۇ دۇنيا، باقىي ئالەم؛ قىيامەت.
شاھ يورۇق دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلىپتۇ.