Chinese→Uyghur主要词典
亚文丁联盟
دۇنيا تارىخى
ئاۋېنتىن ئىتتىپاقى
ئاۋېنتىن چېكىنىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرى 1924-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى ماتتېئوت يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەشكىللىگەن فاشىزمغا قارشى سىياسىي ئىتتىپاق. رىۋايەتتىكى قەدىمكى رىم پۇقرالىرىنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىغا تەقلىد قىلىپ ئاۋېنتىن تۆپىلىكىگە چىكىنگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، لىبېراللار پارتىيىسى ۋە خەلق پارتىيىسى قاتارلىقلاردىكى ئوتتۇرا ۋە سول گۇرۇھتىن تەخمىنەن جەمئىي 150 كىشى قاتناشقان. ئامېندولا(1882-1926) رەھبەرلىك قىلغان. ئۇلار پارلامېنتتىن چىكىنىپ چىقىپ، ئىتالىيە پادىشاھىنى مۇسۇلىنىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇرلىغان. لېكىن جامائەت پىكىر ھازىرلىمىغان، بولۇپمۇ ئىش تاشلاش قاتارلىق كۈچلۈك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارمىغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئىچكى قىسمىدىمۇ بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1926-يىلى باستۇرۇلغان.