Uyghur←Chinese主要词典
ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
奥地利社会民主党
ào dì lì shè huì mín zhǔ dǎng
ئاۋسترىيە ئىشچىلار پارتىىسى. 1888-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1889-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ھايئىنفېروردا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتكۈل ئاۋسترىيە سوتسىيالىزمچىلىرى بىرلەشكەن قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئاساىي رەھبەرلىرى ۋىكتور ئادلېر، ئوتو بائۇئېر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قۇرۇلتاي 7 ماددىلىق <پرىنسىپ خىتابنامىسى>نى پارتىيە پروگراممىسى قىلىپ ماقۇللاپ، سىياسىي ئەركىنلىك؛ ئومۇميۈزلۈك، باراۋەرلىكى؛ ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش ۋە كەڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەلەپ قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. پروگرامما پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. 1895-يىلىدىن كېيىن بېرنېشتېين رېۋىزىئونىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1897-يىلى ۋىمبۇرگ قۇرۇلتىيىدا 6 مۇستەقىل مىللىي گۇرۇھقا پارچىلىنىپ كەتكەن. 1899-يىلى برۇينن (يەنە برنو دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىدىغان مىللىي پروگرامما ماقۇللىنىپ، <مىللىي مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى> دېگەن خاتا تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1901-يىلى ۋېنادا چاقىرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە پارتىيە قۇرۇلتىيىدا <پرىنسىپ ختابنامىسى> ئۆزگەرتىلىپ، يېڭى پارتىيە پروگراممىسى ماقۇللانغان، ئۇنىڭدا پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئىنكار قىلىنىپ، پارالامېنت يولى ۋە <سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۆسۈپ كىرىش> قاتارلىق ئىدىيىلەر تەرغىپ قىلىنغان، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش پارتىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى قىلىنىپ، ماركسىزمنىڭ ئىنقىلابىي تەلىماتىغا <تۈزىتىش كىرگۈزۈش> ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شوۋىنىزملىق مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋستىريە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن ئۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا قوللىغان ھەمدە 1918-يىلى 10-ئايدا بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1919 - 1920-يىللاردا بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلغان. 1934ىلى 2-ئايدا مەنئى قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ سول سول قانىتى ئىنقىلابىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، گېرمانىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئوڭ قانىتى گېرمانىيە فاشىستلرىىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1945-يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان.