Uyghur←Chinese主要词典
ئاۋستېن
دۇنيا تارىخى
奥斯丁
ào sī dīng
(1)جانى ئاۋستېن (1775-7181)ئەنگىلىيىلىك ئايال يازغۇچى. يېزا پوپىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسەرلەردە ئاساسەن ئەنگىلىيە يېزىلىرى ۋە لوندوندىكى يۇقىرى قاتلام باي تەبىقىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ پېرسۇناژلارنىڭ مىجەزخۇلقىنى ماھىرلىق بىلەن ياراتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇھەببەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ <ئەقىل بىلەن ھىسسىيات>، <تەكەببۇرلۇق بىلەن بىر تەرەپلىمە قاراش>، <ئەيما>، <ئەقىدە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2)جون ئاۋستېن (1790-1859)ئەنگىلىيىدىكى قانۇننى تەھلىل قىلغۇچىلار ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئوفىتسىر بولغان. 1812-1815-يىللاردا ئادۇۋكاتلىق قىلغان. 1826-يىلى لوندون داشۆسى قۇرۇلغاندا، بۇ داشۆنىڭ تۇنجى قانۇن پرىنسىپلىرى ئىلمىي پروفېسسورى بولغان. تەبىئەت قانۇنى ئىدىيىسىنى چەتكە قېقىپ، قانۇن ھۆكۈمراننىڭ بۇيرۇقى، خەلق ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇشى شەرت دەپ قاراپ، قانۇننىڭ سىنىپىيلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <قانۇن پرىنسىپلىرى ئىلىمىنىڭ دائىرىسى> <قانۇن پرىنسىپلىرى ئىلمىي كونسىپىكتى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.